ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەمۇ تۈركىيەنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاپ كەلگەن
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭمۇ تۈركىيەنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدە چىقىدىغان دېر سىپېگېل ژۇرنىلى يەنە بىر قاراش ئوتتۇرىغا قويدى.
گېرمانىيەدە چىقىدىغان دېر سىپېگېل ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەمۇ تۈركىيەنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاپ كەلگەن بولۇپ، ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسىمۇ ئوغۇرلۇقچە تىڭشالغان ئورۇنلاردىن بىرى ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا قۇرۇپ چىققان مەخپىي ئورگانلار ۋاستىسى ئارقىلىق تۈركىيەدە ئوغۇرلۇقچە تىڭشاش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ژۇرنال دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق جاسوسى ئېدۋارد سىنوۋدېن تەرىپىدىن ئاشكارىلىۋەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى قىسىملىرىنى ئېلان قىلدى. «ئىككى تەرەپلىك ئويۇن» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىنىڭ بىر تەرەپتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ۋە پ ك ك غا قارشى كۈرەشلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كەلگەنلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى، تۈرك ئارمىيەسىنى، ئىستىخباراتچىلىرىنى، مىنىستىرلىقلارنى ۋە ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشاپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
سىنوۋدېن تەرىپىدىن ئاشكارىلىۋەتكەن ھۆججەتلەردە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئىزچىل تىڭشاپ كېلىنگەن دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىغا ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بېرىلگەن «دۆلەت ئىستىخبارت ئەۋزەللىكلىرى دائىرىسى»دە تۈركىيەنىڭ ئەڭ بۇرۇن كۆزىتىپ ۋە تىڭشاپ كېلىنگەن دۆلەتلەر قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقى، تۈركىيە كىرگۈزۈلگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدە كۇبا بىلەن ۋېنسۇۋېللانىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ 9 ئەسكەر قازا قىلدى
كولۇمبىيەدە تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بىر گېنېرالنى قوشقاندا، جەمئىي تۇققۇز ئەسكەر قازا قىلدى.