خىتاي: خوڭكوڭ «ئۇكرائىنا» ئەمەس

يەر شارى ۋاقتى گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدىكى قارارىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچى گۇرۇپپىلار قەغەز يولۋاس» دېدى.

161051
خىتاي: خوڭكوڭ «ئۇكرائىنا» ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چىقارغان 2017 – يىلى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا نامزاتلارنى كومىتېت تەرىپىدىن سايلاش قارارىغا دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ نارازىلىق كۆرسىتىشىگە قارىتا، «خوڭكوڭ ئۇكرائىنا ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى. گېزىتنىڭ خىتايچە نەشرىدىكى «خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچى گۇرۇپپىلار قەغەز يولۋاس» دېگەن ماقالىدە، بېيجىڭنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قارارىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى. بۇ ھەقتىكى ئانالىزدا، «دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچى گۇرۇپپىلار خوڭكوڭ خەلقى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا، نامدا دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى گۇرۇپپىلار، ئەمما قەغەز يولۋاس بولۇپ قېلىۋېرىدۇ» دېيىلدى.
بۇنىڭغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما نەتىجىسىز بولىدۇ
خوڭكوڭدا بۇ قارارغا نارازى بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ قانۇن دائىرىسىدە نامايىش ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقى، ئەمما نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتاي تاراتقۇلىرىدا، «خوڭكوڭ ئۇكرائىنا ئەمەس، دۇنيا بۇ ھەقىقەتنى بىلىدۇ. دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى بۇ ھەقىقەتنى قانچىلىك كۆرمەسكە سالسىمۇ، ھەقىقەتلەر بۇ كىشىلەرگە كېرەكلىك ساۋاقنى بېرىدۇ» دېيىلدى.
«ئۆكتىچىلەر مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنسىمۇ، نامايىش ئاخىرلاشتى ۋە مەيدانلارنى بوشتىش ۋاقتى كەلدى» دېيىلگەن ئانالىزلاردا، «ئۇلار پات يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى كۆرىدۇ» دېيىلدى. ئانالىزلاردا يەنە، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ خوڭكوڭنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قۇرۇق خىيالغا پاتقان ئاز سانلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئىسلاھات ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «خەلق گېزىتى» دە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭغا قارىتىلغان سايلام ئىسلاھاتى قارارىنىڭ، خوڭكوڭنىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن «ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكى يېزىلدى.
گېزىتنىڭ باشماقالىسىدە، «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانۇنىي قارار ۋە سياسىي نۇقتىدىن ھەل قىلىش جەھەتتە مۇھىم قارار ئالغانلىقى، بۇ قانۇنلارنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بىلەن رايوننىڭ ئەھۋالىغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى. بۇ ئەھۋالدا مۇھىم نۇقتىنىڭ «ئاساسىي قانۇن» غا بويسۇنۇش ۋە خوڭكوڭنىڭ «دۆلەتنى ۋە خوڭكوڭنى سۆيىدىغان» لار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
باشماقالىدە، بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، خەلق ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىقى، پىتنە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ خوڭكوڭنى «مۇستەقىل ياكى يېرىم مۇستەقىل» قىلماقچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31 – ئاۋغۇست 2017 – يىلى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا، نامزاتلارنىڭ ھەممە قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومىتېت تەرىپىدىن سايلىنىشى ھەققىدە قارار چىقاردى.
خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى ۋالىيلىقىغا ئىككى ياكى ئۈچ نامزاتنىڭ ھەممە قاتلامغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر كومىتېت تەرىپىدىن كۆرسىتىلىشىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، «دۆلىتىنى ۋە خوڭكوڭنى قىزغىن سۆيىدىغان» كىشى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى خەلقنى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ ئىسلاھات تەلەپ قىلدى.
خىتايدىكى رەسمىي تاراتقۇلار، خوڭكوڭدىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ خوڭكوڭ ھاكىمىيىتىگە ئارىلىشىش ئۈچۈن سىرتقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. رەسمىي تاراتقۇلاردا، قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭنىڭ كېلەچىكى، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر