گولان تۆپىلىكىدىكى ب د ت ئەسكەرلىرى قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا

گولان تۆپىلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

109246
گولان تۆپىلىكىدىكى ب د ت ئەسكەرلىرى قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش ئەسكەرلىرى سۈرىيە-ئىسرائىلىيە چېگرىسىغا جايلاشقان گولان تۆپىلىكلىرىدە قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا.
ئەل نۇسرا فىرونتى 45 نەپەر ب د ت تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم 40 نەپەر فىلىپىنلىق تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئەسكەرلەر بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلدى.
ئەل نۇسرا فىرونتى مىلىتانلىرى دەسلەپ گولان تۆپىلىكىدىكى 35 فىلىپىنلىق تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرىگە ھۇجۇم قىلدى. باشقا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ياردىمى قىلىشى نەتىجىسىدە، فىلىپىنلىق ئەسكەرلەر قۇتۇلۇپ قالدى. مىلىتانلار بۇ قېتىم فىلىپىنلىق ئەسكەرلەر قېلىۋاتقان بازىنى قورشاۋغا ئېلىپ، بازىدىكى 40 ئەسكەردىن تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلدى. فىلىپىنلىق ئەسكەرلەر تەسلىم بولۇشنى رەت قىلدى، بۇ ۋاقىتتا بۇ يەرگە يېقىن جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ب د ت تىنچلىق قىسىملىرىغا ياردەم قىلىپ، ئەل نۇسرا مىلىتانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تىنچلىق ساقلاش ئەسكەرلىرى قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ قورشاۋدىن قېچىپ قۇتۇلدى. 7 سائەت قورشاۋ ئاستىدا قالغان ئەسكەرلەر، كېچىچە يول يۈرۈپ، باشقا ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بارىگاھىغا يېتىپ باردى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى گولاندا ب د ت تىنچلىق ساقلاش ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.
گولاندىكى توقۇنۇشلار ئەل نۇسرا فىرونتىنىڭ ئىسرائىلىيە چېگرىسىدا سۈرىيەگە تەۋە بىر چېگرا ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزۈشى نەتىجىسىدە كەسكىنلەشكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر