ئامېرىكا ئەردوغان بىلەن ھەمكارلىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى دەۋىردە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى

107396
ئامېرىكا ئەردوغان بىلەن ھەمكارلىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى دەۋىردە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى يېن پىساكى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ۋە ئىزچىل ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
پىساكى، ئوبامانىڭ ئەردوغان بىلەن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى مۇھىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر