ئوباما، ئى ش ئى د گە ئوچوقتىن - ئوچۇق تەھدىت سالدى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، بۇ قېتىم تەشكىلاتقا ئوچوقتىن - ئوچۇق تەھدىت سالدى

104879
 ئوباما، ئى ش ئى د گە ئوچوقتىن - ئوچۇق تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، بۇ قېتىم تەشكىلاتقا ئوچوقتىن - ئوچۇق تەھدىت سالدى.
ئوباما، ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكىلىق مۇخبىر توغرۇلۇق توختالغاندا، «بۇنى ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئادالەت ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ» دېدى.
ئوباما، ئامېرىكىلىق مۇخبىر جېمېس فولېينى ئۆلتۈرگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىدىن چوقۇم ئىنتىقام ئالىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
ئوباما، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خەلقىمىزگە زىيان يەتكۈزگۈچىلەرگە قارىتا بىزنىڭ سىگنالىمىز ناھايىتى ئوچۇق: ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايدۇ، قولىمىز ھەممە يەرگە يېتىدۇ، سەۋر - تاقەتلىكمىز، ئادالەت چوقۇم ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ. خەلقىمىز ۋە زېمىنىمىز قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا بىۋاستە ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئۇ يەنە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنىڭ تېز ۋە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر