ئامېرىكا: پەشمەرگەلەرگە نۇرغۇن دۆلەت قورال-ياراق ياردەم قىلىدۇ

ئامېرىكا پەشمەرگەلەرگە يەنە 7 دۆلەتنىڭ قورال-ياراغ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

105333
ئامېرىكا: پەشمەرگەلەرگە نۇرغۇن دۆلەت قورال-ياراق ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېل ئامېرىكا بىلەن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا قوشۇمچە ھالدا، يەنە 7 دۆلەتنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەشمەرگە كۈچلىرىنى قورال-ياراق ۋە تېگىشلىك ھەربىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ھاگېل بۇ 7 دۆلەتنىڭ ئالبانىيە، كانادا، كىرودىيە، دانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كۈرتلەرگە قورال-ياراق ياردەم قىلىش خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى، كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ھاگېل مۇنداق دېدى:«بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.»
ھاگېل يەنە مۇنداق دېدى: «ئىراق خەلقى بىلەن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بارغانچە كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا بۇ يولدا دۇنيا مىقياسىدىكى دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر