ئەسەد قىسىملىرى 71 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەسەد قىسىملىرى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

105337
ئەسەد قىسىملىرى 71 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد قىسىملىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارنى ھاۋادىن ۋارىل بومبىلىرى بىلەن، قۇرۇقلۇقتىن بولسا روكېتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاپ كېڭىشىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىكئۇچارلارنىڭ پايتەخت دەمەشقنىڭ لىۋان چېگرىسىدىكى زابادانى ناھىيەسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەسەد قىسىملىرىنىڭ پايتەختنىڭ دۇما، جوبار، كابۇن، دەرەيا ۋە مالەيھا رايونلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھالەپتىكى كۇۋەيرىس بىلەن دەيرۇزدىكى دەيرۇز زور ھەربىي ئايرۇدۇرۇمغا تانكىلار ۋە روكېتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئايرۇدۇرۇمدىكى بەزى بىنالارغا زىيان بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر