فىرانسىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

باش مىنىستىر مانۇئېل ۋالس ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىنى ئېلان قىلدى

104889
فىرانسىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.
باش مىنىستىر مانۇئېل ۋالس ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىنى ئېلان قىلدى.
تالاش - تارتىشلارغا سەۋەب بولغان ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى مونتېبورگ بىلەن مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى فىلىپپېتتى يېڭى ئىچكى كابىنېتتىن ئورۇن ئالمىدى.
تالاش - تارتىشلارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى بېرنارد مونتېبورگنىڭ ئورنىغا پىرېزىدېنت فرانسۇئا ئولاندنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئېممانۇئېل ماكرون، مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئائۇرېلىئې فىلىپپېتتىنىڭ ئورنىغا فىلۇئېر پېللېرىن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
باش مىنىستىر مانۇئېل ۋالس، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى مونتېبورگنىڭ، پىرېزىدېنت فرانسۇئا ئولاندنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ باياناتلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.
يېڭى ئىچكى كابىنېت بۈگۈن تۇنجى قېتىم يىغىن چاقىرىپ، فىرانسىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن «ۋالس 2» دەپ ئاتالغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر