بارزانى: مەغلۇبىيەتنىڭ جاۋابكارى پەشمەرگە كۈچلىرى

ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتى رەھبىرى مەسئۇد بارزانى، شېنگالدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى مەغلۇبىيەتنىڭ جاۋابكارىنىڭ پەشمەرگە كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

104866
بارزانى: مەغلۇبىيەتنىڭ جاۋابكارى پەشمەرگە كۈچلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتى رەھبىرى مەسئۇد بارزانى، شېنگالدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى مەغلۇبىيەتنىڭ جاۋابكارىنىڭ پەشمەرگە كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق شېنگال ناھىيەسىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرالماسلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ پەشمەرگە كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەسئۇد بارزانى پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ بىرلا مەركەزدىن باشقۇرۇلمايۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن پەشمەرگە كۈچلىرىگە مەسئۇل كىشىگە 6 ئايلىق مۆھلەت بەردى.
شېنگالنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئە قىلالمىغانلىقى تۈپەيلى پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ 2 مەسئۇلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانىدى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان مەسئۇللار جازاغا تارتىلىدىكەن.
شېنگال ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر