غەززەدە بىر پەلەستىنلىك مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلدى
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى دوكتور ئەشرەف ئەلقۇدرا، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇجائىييە مەھەللىسىنى توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە ئابدۇللاھ مۇرتەزا ئىسىملىك بىر مۇخبىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى
103726
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدە بىر پەلەستىنلىك مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى دوكتور ئەشرەف ئەلقۇدرا، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇجائىييە مەھەللىسىنى توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە ئابدۇللاھ مۇرتەزا ئىسىملىك بىر مۇخبىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۆلتۈرۈلگەن 25 ياشلىق مۇرتەزانىڭ ئەلئاقسا ئاخبارات ئورگىنى مۇخبىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان قۇدرا، شۇنىڭ بىلەن ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغان مۇخبىرلار سانىنىڭ 14 كە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.