ئامېرىكىلىق مۇخبىر قويۇپ بېرىلدى

ئىككى يىل بۇرۇن سۈرىيەدە ئەن نۇسرا تۇتۇپ كەتكەن ئامېرىكىلىق مۇخبىر ئەركىنلىككە ئېرىشتى.

102675
ئامېرىكىلىق مۇخبىر قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى يىل بۇرۇن سۈرىيەدە ئەن نۇسرا تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئامېرىكىلىق مۇخبىر پېتېر سېئو كىرتىس قويۇپ بېرىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي يازما باياناتىدا، تۇتۇپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە ئىستىخبارات يوللىرىدىن پايدىلانغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
رايوندا تۇرۇشلۇق ب د ت خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كىرتىسنىڭ، قاتارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر