پاكىستاندا ناتونىڭ يېقىلغۇ ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇۋېتىلدى
پاكىستاندا ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىغا يېقىلغۇ توشۇغان ئىككى ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىندى. ھۇجۇمدا، ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ناتونىڭ يېقىلغۇ ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ھايبار قەبىلىلەر رايونىدا ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىغا يېقىلغۇ توشۇغان ئىككى ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىنغان. ھۇجۇمدا ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. كىملىكى نامەلۇم ھۇجۇمچىلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى كىشى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
پاكىستان خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ جاۋابكارلارنى تېپىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشلەرنى باشلىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.