سىگمار گابرىيېل مەۋلانە جامەسىنى زىيارەت قىلدى

گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سىگمار گابرىيېل بېرلىندە ئوت قويۇۋېتىلگەن مەۋلانە جامەسىنى زىيارەت قىلدى.

101290
سىگمار گابرىيېل مەۋلانە جامەسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سىگمار گابرىيېل يېقىنقى كۈنلەردە ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن جامەگە ھۇجۇم قىلش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، بېرلىندە ئوت قويۇۋېتىلگەن مەلانە جامەسىنى زىيارەت قىلدى. سىگمار گابرىيېل باشقا بارلىق دىندىكىلەرگە ئوخشاشلا ئىسلام دىنى بىلەنمۇ تىنچلىق ئىچىدە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ بېرلىندىكى تۈركلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان كرۇزبېرگ مەھەللىسىگە جايلاشقان جامەگە ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئىبادەت قىلىش سورۇنلىرىغا قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ جەمئىيەتنىڭ يۈرۈكىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ يەردە تىنچلىق ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇشقا مەجبۇرمىز» دېدى.
گېرمانىيە ئىسلام كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەلى قىزىلكايا گېرمانىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ جامەگە ھۇجۇم قىلغانلارنى ئېنىقلاپ جازاغا تارتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پۈتۈن ئېتىقادلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سىگمار گابرىيېلنىڭ كېلىپ زىيارەت قىلىشى، دەرتلىرىمىزگە ۋە ئەندىشىلىرىمىزگە ئورتاقلىشىشى بىزنى خاتىرجەم قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۈمىدلەندۈردى. ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، مۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر