ھاماس ئىشپىيونلارغا رەھىم قىلمىدى

ھاماس، ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلاشقان 18 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى

100687
 ھاماس ئىشپىيونلارغا رەھىم قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس ئىشپىيونلارغا رەھىم قىلمىدى.
ھاماس، ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلاشقان 18 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، يېقىندا غەززەدە 3 ھاماس قوماندانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، ھاماس قوماندانلىرىنى ئۆلتۈرگەنىدى.
ئۇرۇشنىڭ پۈتكۈل باسقۇچلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن ھاماس، سۈيىقەستنىڭ تالونىنى گۇرۇپپا ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئىشپىيونلارغا كەستى.
غەززە سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 18 كىشىگە شەھەردىكى ساقچىخانا مەركىزىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
ئۆلۈم جازالىرىنىڭ پۈتۈلەي قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھاماس دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسئۇللىرى، ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇملارنىڭ بەدىلى تۆلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە كۆپ ساندا نارىسىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 64 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەر، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەلخەلىل، راماللاھ، نابلۇس، تۇلكەرەم ۋە جەنىن قاتارلىق شەھەرلەردە غەززەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى سامىھ شۈكرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانىغا تېلېفون قىلىپ، غەززەدە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر