غەززەدە 11 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

غەززەدىكى پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارغا قاراشلىق ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ «ئىسرائىلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

99854
غەززەدە 11 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى


ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان «ئەلمەجدۇل ئەمنى» ناملىق ئىنتېرنېت تورىنىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىغا قاراشلىق ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ، سوتلاش نەتىجىسىدە «ئىسرائىلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان» 11 كىشىگە بۈگۈن سەھەردە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خەۋپسىزلىك قىسىملىرى» نىڭ گۇمانلىق كىشىلەر ۋە جاسۇسلارغا قارشى تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، «قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ دۈشمەننى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە مەرھەمەت قىلمايدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق جازاسى بولىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، «ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى قوغداش مەقسىتىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان جايغا مۇخبىرلارنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ فوتو – سۈرەت ۋە ئىسىملىرىنىڭمۇ ئاشكارىلانمىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

مەزكۇر تور بەتتە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر پارچە باياناتتا، «جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ۋە بۇ دائىرىدە يەنە 7 كىشىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى» ئەسكەرتىلگەنىدى.

مەنبە: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر