چىلىدا ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

چىلىدا مائارىپ سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

99779
چىلىدا ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىدا مائارىپ سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى.
پايتەخت سانتىياگودا تىنچ باشلانغان نامايىشلار بىردىنلا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى.
بىر قىسىم نامايىشچىلار كوچىلارغا ئوت قويۇپ بەردى، ساقچىلارنىڭ توسۇقلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.
نامايىشچىلارمۇ ساقچىلارغا تاش ئېتىپ جاۋاب قايتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن كوچىلار ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى.
دۆلەتتە ھەقسىز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن پات - پات نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر