ئوباما قارا تەنلىك ياش ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە 18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش مايكېل بىروۋننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى توقۇنۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى تەقىب قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

96113
 ئوباما قارا تەنلىك ياش ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە 18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش مايكېل بىروۋننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى توقۇنۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى تەقىب قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئوباما، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نامايىشچىلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى؛ نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى؛ توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا مۇرەسسەچىلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.
ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئېغىر تىپلىق قوراللارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە چەكلىمە قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر