ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىنگىلىز مۇجاھىتلىرى...

ئەنگلىيە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئىنگىلىز مۇجاھىتلاردىن 40كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.

94487
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىنگىلىز مۇجاھىتلىرى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ چەتئەللىك جەڭچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلەرىدىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. بىراق كىشىنىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى تېگى جەنۇبىي ئاسىيالىق بولغان ئەنگلىيە پۇقرالىرىدۇر.
ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئىدارسى 44 گە يېقىن ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ دۆلىتىنى تاشلاپ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئىراق بىلەن سۈرىيەدە غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە مىلىتانلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ ھەرىكەت قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇردى.
ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ سەۋەبتىن ئىنگىلىز مىلىتانلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھازىرغىچە ئەنگلىيەدە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەدىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن 69 تەشكىلات ئەزاسى قولغا ئېلىندى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرون تىگىشلىك تەدبىرلەر ئېلىنمىغان تەقدىردە تەشكىلاتنىڭ ئەنگلىيەدىكى ھەر قايسى شەھەرلەرگە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا تەھدېت بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۆكتىچىلەر كامېروننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى «دۇنياۋى قىممەت قاراشلىرى» نۇقتىسىدىن تەدبىرسىزلىك، دەپ تەرىپلىدى.
ئۆكتىچىلەر ئىسلام ۋە خىرىستىيان دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر