كوسوۋادا ئى شى ئى د غا ياردەم قىلغانلار تۇتقۇن قىلىندى
كوسوۋادا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ياردەم قىلغان 40 ئادەم تۇتقۇن قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋادا 40 ئادەم ئوتتۇرا شەرقتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى. كوسوۋا پىرېزىدېنتى ئاتىفېتې ياھياگا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئەل نۇسراغا ئوخشاش ئاشقۇن تەشكىلاتلار سېپىگە قاتناشقان كوسوۋالىقلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدېت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئاتىفېتې ياھياگا تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قاتنىشىش گۇمانى بىلەن 40 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا خەلقئارانىڭ بېسىمى يوقلىقىنى ئىپادە قىلدى. خەلقىنى دۆلەتنىڭ پىرىنسىپلىرىغا قارشى بولغان ئىدىئولوگىيەلەرنى قوللىماسلىققا چاقىرغان ياھياگا، گۇمانلىقلار تىزىملىكىدە 150 كوسوۋالىقنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ياھياگا بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى سېپىگە قاتناشقانلىقلىرى ۋە كوسوۋادا تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى پىلانلىشىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.