غەززەدە كېسەللىكلەر باش كۆتۈردى

غەززەدە تېرە كېسەللىكلىرى باش كۆتۈردى.

93760
غەززەدە كېسەللىكلەر باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك ئۆي-ماكانلىرى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا تېرە كېسەللىكلىرى باش كۆتۈردى.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرى جەياد ئاۋادنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سەھىيە خادىملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەسىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى لاگېرلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان 400مىڭ پەلەستىنلىكىلەر ئىچىدە، قىچىشقاق قاتارلىق ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا، لاگېرلاردا سۇ ۋە پاكىز بۇيۇملارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئاۋاد، لاگېرلاردا قېلىۋاتقان بەزى كىشىلەرنىڭ تۈبۈركۇليۇز كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
سەھىيە مەركەزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولۇشى سەۋەبلىك، غەززەدىكى ۋاكسىنا بىلەن سەھىيە سىستېمىسىدا زور زىيان كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ئاۋاد، مىنىستىرلىك بولۇش سۈپىتىدە دوست دۆلەت بىلەن خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ياردەملىرىدىن سىرت، مىنىستىرلىك سۈپىتىدە ئونلارچە يۈك ماشىنىسىغا قاچىلانغان سەھىيە بۇيۇملىرى ۋە دورىلارنى غەززەگە ياردەم قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە يىللاردىن بۇيان مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەگە، 7-ئىيۇلدا ھاۋادىن ۋە دېڭىزدىن، 17-ئىيۇلدا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغانىدى. كېيىنكى باياناتلاردا ھۇجۇملاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 1980گە يەتكەنلىكى، 10196 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر