غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا ۋىرۇسى تەھدىتى داۋاملاشماقتا

غەربىي ئافرىقىدا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېبولا ۋىرۇسى تەھدىتى داۋاملاشماقتا

92599
غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا ۋىرۇسى تەھدىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقىدا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېبولا ۋىرۇسى تەھدىتى داۋاملاشماقتا.
ۋىرۇسقا ھازىرمۇ سەل قارىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، بۇ ھەقتە جىددىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاگاھلاندۇردى.
بىراق تەشكىلات، ئايروپىلانلاردا ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش خەۋپنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ كىرىزىسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى.
ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ئۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتىمۇ ئېبولا ۋىرۇسىنى كونىترول قىلىشقا 6 ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
غەربىي ئافرىقىدا ۋىرۇسنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى بارغانسېرى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلمەكتە.
جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىنغان گىۋىنىيەدە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كوچىلىرى ئەخلەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بىر نامراتلار مەھەللىسى ۋەيران قىلىندى.
نىگېرىيەدە بولسا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 11 گە يەتتى، تالاش - تارتىشلىق بىر قارار بىلەن 16 مىڭ دوختۇر ئىشتىن چىقىرىلدى.
نىگېرىيە پىرېزىدېنتى گۇدلاك جانىتىن، تېخىمۇ ياخشى شارائىت ئاستىدا خىزمەت قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دوختۇرلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش پىروگراممىلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ھەمدە 16 مىڭ دوختۇرنىڭ ئىشچىن چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
نىگېرىيە تىببىي جەمئىيىتى، ھازىر دوختۇرلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بىر مەزگىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قارارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئاتلېتىكا ماھىرلىرىنىڭ خىتايدىكى ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىكى بىر قىسىم ئويۇنلارغا قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر