ئوباما ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە بايانات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

92043
 ئوباما ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئوباما، ئىراقتا ھاۋا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
ئوباما، سىنجار تېغىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوشۇمچە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر