ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەت ئوتتۇرىغا

غەززە رايونىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسىي جەھەتتىن رىئايە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتمۇ ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى

92034
ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەت ئوتتۇرىغا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە رايونىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسىي جەھەتتىن رىئايە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتمۇ ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رايوننىڭ ئەسلىدىنلا ياخشى بولمىغان سۇ قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى، ئۇدا 5 ھەپتە داۋاملاشقان ئىسرائىلىيە بومباردىمانىدىن كېيىن سۇ قىيىنچىلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقىدىغان قۇدۇق ۋە سۇ تانكېرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن سەپلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
بىر قىسىم نۇقتىلاردىكى پاسكىنا سۇ يولى قۇرۇلۇشى سىستېمىسىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن پاسكىنا سۇلار سۇ تۇرۇبىلىرىغا ئاقماقتا.
غەززەلىكلەر 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقان ياردەملەر ئارقىلىق جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇملارنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان 730 مىڭ كىشىدىن ئۈچتىن بىرى جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە ئېھتىياجى بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر