يەنە سۈرىيە، يەنە ۋارىل بومبىسى، يەنە قان...

بەششار ئەسەدكە قاراشلىق كۈچلەر ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى ۋارىل بومبىسى ئېتىپ بومباردىمان قىلماقتا.

90306
يەنە سۈرىيە، يەنە ۋارىل بومبىسى، يەنە قان...

سۇرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھەلەبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى باب نەيراب بىلەن شەئار رايونىنى ۋارىل بومبىسى ئېتىپ بومباردىمان قىلدى؛ بومباردىماندا 17 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۇرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يەنە كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە رايوندىكى بىنزىن كۇبلىرىغا ئوت كەتكەن.
مەزكۇر ئەمەلدار، شەئار رايونىغا تاشلانغان ۋارىل بومبىسىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر