ئامېرىكا ئىراقلىقلارغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا

ئامېرىكا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىراقلىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

90828
ئامېرىكا ئىراقلىقلارغا ياردەم قولىنى سۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىراقتا قىيىن ئەھۋالدا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا. بىخەتەرلىك كارىدورى ياكى ھاۋا كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش بۇ ئىمكانىيەتلەردىن بىر نەچچىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئاق ساراي باياناتچىسى ئىرىك شۇلىز بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تاغلار ئارىسىغا قاپسىلىپ قالغانلارنى قانداق قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە ئېنىق قارار بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.باياناتچى، ئىراقتىكى سىنجار تېغىدا قاپسىلىپ قالغان ئىراقلىقلارنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كارىدورى ياكى ھاۋا كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئاق ساراي تاغلاردا قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەستىن، بۇساننىڭ ئون مىڭلارچە بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاق ساراي فىرانسىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە بىلەن ئىنسانىي ياردەم مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھاۋادىن ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈشتە ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر