بىرازىلىيە پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

بىرازىلىيە پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن ئېدۋاردو كامپوس ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

90478
بىرازىلىيە پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

بىرازىلىيە پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن ئېدۋاردو كامپوس ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى؛ كامپوس قازادا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سوتسىيالىستىك پارتىيەنىڭ نامزاتى ئېدۋاردو كامپوس ئولتۇرغان ئايروپىلان تۈنۈگۈن قىرغاق شەھىرى سانتوستا چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلاننىڭ ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر تەنتەربىيە زالىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى. قازادا كامپوس قاتارلىق ئايروپىلاندىكى 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا كامپوسنىڭ فوتو – سۈرەتچىسى بىلەن مەتبۇئات ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ۋە ئىككى ئۇچقۇچىمۇ بار ئىكەن.
ئېدۋاردو كامپوس بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پېرنامبۇكو ئۆلكىسىنىڭ سابىق ۋالىيسى ئىدى. كامپوسنىڭ ئائىلىسى بىرازىلىيەدە 1964- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى ئاكتىپ كۈرەش قىلغانىدى.
ئەڭ يېڭى ئەلرايى سىناش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن كامپوسنى خەلقنىڭ 9% ى قوللايتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر