ئامېرىكا ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقتىكى ئەسكىرىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتمەكتە.

89004
ئامېرىكا ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، رايونغا يەنە 130 ھەربىي خادىم يوللاندى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋاقىتلىق خىزمەت ئۆتەش ئۈچۈن ئىراقنىڭ شىمالىغا 130 ھەربىي خادىمنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئەربىلگە يېتىپ بارغان ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىدىن كېيىن سىنجار تاغلىرىغا قاپسىلىپ قالغان ئىراقلىقلارغا بوشلۇقتىن ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىرگە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قوشۇمچە يوللارنى بېكىتىپ چىقىشنى كۈچكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. پېنتاگون، ھەربىي خادىملارنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىدىن تاللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەڭچىلىك ۋەزىپىسى بولمىغان مەزكۇر ئەسكەرلەر، خەلقئارانىڭ ياردەملىرىنىڭ يەزىيدىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەرتىپكە سالىدۇ. پېنتاگون، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ۋە يۈز بەرگۈسى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىراققا قىلىنىدىغان ياردەم ئۈچۈن ھەر خىل يوللارنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىم ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلەرنى قوشقاندا ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر