خىتاينىڭ شىمالىدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاي 63 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلدى.

90066
خىتاينىڭ شىمالىدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ لىياۋنىڭ مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ شىمالىدا 63 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن 2 مىليون گېكتارلىق يەردىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى زىيانغا ئۇچرىغان. ئاۋغۇست ئېيىدا ھۆل – يىغىن ئاز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. لىياۋنىڭ ئۆلكىسى قۇرغاقچىلىقنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن مۇھىم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، 3 – دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان. مېتېرولوگىيە ئىدارىسى بولسا، ئۇيغۇن ئەھۋالدا سۇنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش تەييارلىقىنى قىلغان.
خىتاينىڭ شىمالىدىكى جىلىن، ئىچكى موڭغۇلىيە، شەنشى ۋە خېبىيدىمۇ ئېغىر قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر