بان كىمۇن، ئ ش ئ د نىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالدى

بان كىمۇن ئىراق ئەسكەرلىرى سىياسەتكە ئارىلىشىشنى قويۇپ، قالايمىقانچىلىقنى بىتەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى.

89083
بان كىمۇن، ئ ش ئ د نىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىشنى قويۇپ، شىمالدىكى قالايمىقانچىلىقنى بىتەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
باش كاتىپ بان، ئىراقتىكى سىياسىي سۈركىلىش ۋە شىمالدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) تەشكىلاتى تەھدىتىنىڭ دۆلەتنى تېخىمۇ ئېغىر بىر كىرىزىسقا ئىتتىرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. نىيۇ يوركتىكى ب د ت مەركىزىي بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بان كىمۇن، ئىراقتا ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغان ھەيدەر ئەلئابادىنىڭ بارلىق تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ۋە پۈتۈن گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بان، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى سادىر قىلىۋاتقان قەتلىئاملار، بالىلارنىڭ ئۇرۇش قاينىمىغا ئىتتىرىلىشى، ئاياللارنىڭ قۇللاشتۇرۇلۇشىدىن «چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى. باش كاتىپ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربى ۋە شىمالىنى قولغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق مىڭلارچە كىشىنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىشىغا «ئىنتايىن ۋەھىمىلىك بىر ئىنسانىي ئەھۋال» دەپ باھا بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر