يەنە 3 نەپەر پەلەستىنلىك تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى جەريانىدا يارىلانغان يەنە 3 نەپەر پەلەستىنلىك تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

88363
يەنە 3 نەپەر پەلەستىنلىك تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى جەريانىدا يارىلانغان يەنە 3 نەپەر پەلەستىنلىك تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.
ھۇجۇملاردا يارىلانغان 3 نەپەر پەلەستىنلىك، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن قاھىرەدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت ئايروپىلان بىلەن سائەت 23.40 تا قاھىرىدىن كەلتۈرۈلگەن يارىدارلارغا 3 كۈتكۈچىمۇ ھەمراھ بولدى.
ئايرودۇرۇمدا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى مەسئۇللىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان يارىدارلار ئايروپىلاندىن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا ئېلىندى.
3 نەپەر پەلەستىنلىك كېيىنچە ئىستانبۇل پەندىك تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر