ئىراقتا ھاكىمىيەت ئۇرۇشى قىزىپ كەتتى

نۇرى ئەلمالىكى، پىرېزىدېنت فۇئاد مەسۇم ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان ھەيدەر ئەلئەبەدىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

88124
 ئىراقتا ھاكىمىيەت ئۇرۇشى قىزىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ھاكىمىيەت ئۇرۇشى قىزىپ كەتتى.
نۇرى ئەلمالىكى، پىرېزىدېنت فۇئاد مەسۇم ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان ھەيدەر ئەلئەبەدىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى، ئەبەدىنىڭ يېڭى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلىنىشىنى ئاساسىي قانۇننىڭ خەۋپلىك ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
مالىكى رەھبەرلىكىدىكى دەۋەت پارتىيەسىمۇ پارتىيەنىڭ باش مىنىستىر نامزاتىنىڭ ھازىرمۇ مالىكى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگىلىيە ئەبەدىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئەبەدىگە تېلېفون قىلىپ، تەبرىكلىدى.
تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ئەبەدىنىڭ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىراق خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بىر كېلەچەك بەرپا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەمدە ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى يولىدا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش نىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فىلىپ ھاموند، دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىراقتا ھەربىي رول ئوينىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەبەدىنىڭ باش مىنىستىرلىككە تەيىنلىنىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ھاموند، دۆلىتىنىڭ ئىراق خەلقىنى قوللاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر