ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى ھاۋا

ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى 10 – ئاۋغۇست ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى بەش قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

86994
ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى ھاۋا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق رايونلۇق قىسىملىرى ئامېرىكىنىڭ ھاۋا بومباردىمانىنىڭ ياردىمىدە ئەربىلنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ماھمۇر ۋە گۋېر بازارلىرىنى قايتۇرۇۋالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ھازىرغىچە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا چېكىنگەن شىمالىي ئىراق رايونلۇق قىسىمىنىڭ مۇھىم غەلىبىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى شىمالىي ئىراق رايونلۇق قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئادەمبومبا بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى باغدادنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان جاۋالا بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان شىمالىي ئىراق قىسمىغا قارشى ئادەمبومبا ھۇجۇمى تەشكىللىدى. ھۇجۇمدا شىمالىي ئىراق رايونلۇق قىسمىنىڭ 10 ئەسكىرى ئۆلدى، 80 ئەسكەر يارىلاندى.
سىنجاردىن كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەۋەرلەر كەلمەكتە.
ئىراق كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 500 يەزىدىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى تىرىك كۆمۈۋەتكەنلىكىنى ۋە 300 ئايالنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا 7 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ سىنجاردىن قاچقان مىڭلارچە ئادەم قاپسىلىپ قالغان تاغلارغا ھاۋادىن يېمەك – ئىچمەك تاشلاپ بەردى. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قىلىنغان ھۇجۇم سايىسىدە ئېچىلغان كارىدوردىن ھازىرغىچە 20 مىڭ ئادەمنىڭ قېچىپ قۇتۇلغانلىقى، ئەمما يەنە مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى تاغلاردا قۇتۇلدۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. قۇتۇلغانلارنىڭ سۈرىيە ئارقىلىق شىمالىي ئىراققا كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
18 مىڭ توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن ئەربىلگە يېتىپ كەلگەن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورېنت فابىيۇس، ئىراق كۈرتلىرى (كورد) گە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە باشچىلىق قىلىشنى چاقىرىق قىلدى. ئۇ شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىدىغانلىقلىرىنى، ئەمما قورال ياردىمى قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى مەسۇد بارزانى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قولىدا ئىلغار قوراللارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارادىن قورال ياردىمى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر