ئامېرىكا ئىراقلىقلارغا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

ئامېرىكا ئىراقلىقلارغا سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلدى

85281
ئامېرىكا ئىراقلىقلارغا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقلىقلارغا ئۈچىنچى قېتىم ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.
ئىراقنىڭ سىنجار تاغلىرى ئارىسىغا قاپسىلىپ قالغان ئىراقلىقلارغا سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈپ بېرىلدى. ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك يۇرت-ماكانلىرى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان مىڭلارچە ئىراقلىققا ھاۋادىن يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇ قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.
2 يۈرۈش يۈك ئايروپىلانى بىلەن 72 خالتا ياردەم بۇيۇملىرى كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان يەزىدىلەرگە تارقىتىلغان. كېيىنكى ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 52مىڭ يەشىك يېمەك-ئىچمەك ۋە 4 توننا سۇ موھتاجلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر