شىزاڭدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 44 ئادەم قازا قىلدى

شىزاڭدا بىر ئاپتۇبۇس بىر جىپ ۋە يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ 44 ئادەم قازا قىلدى

85292
شىزاڭدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 44 ئادەم  قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىزاڭدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تاغ يولىدىن غۇلاپ كېتىپ 44 ئادەم ئۆلدى، 11 ئادەم يارىلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 318 نومۇرلۇق تاشيولنىڭ نىمۇ ناھىيەسى قىسمىدا تۈنۈگۈن يەرلىك ۋاقىت چۈشتىن كېيىن ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر جىپ ۋە يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.
سوقۇلۇش نەتىجىسىدە 50 ساياھەتچىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتۇبۇس جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقەدە 44 ئادەم ئۆلگەن، 11 ئادەم يارىلانغان. يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئەمەس ئىكەن. ساياھەت بىلەن ئاپتۇبۇس شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر