فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراقتا زىيارەتتە بولماقتا

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابيۇس مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەش شەھرىستانى بىلەن ئۇچراشتى

85738
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراقتا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فايبۇس ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتۋاتقان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەش شەھرىستانى بىلەن ئۇچراشتى.
فابيۇس قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا فىرانسىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ۋەقەلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئىراقنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي تەبىقە ۋە گۇرۇھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەملىكەتلىك بىرلىك ھۆكۈمىتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان فابيۇس، نۆۋەتتىكى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىراقلىقلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ، يېڭى ھۆكۈمەتتە بارلىق ئىراقلىقلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فابيۇسنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئىراقلىق مۇساپىرلارغا قىلغان ياردەم خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن باغدادتىكى زىيارىتىدىن كېيىن ئەربىلگە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر