ئ شى ئ د كۈرت رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

83537
ئ شى ئ د كۈرت رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
ئەربىلدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر كونىترول نۇقتىسىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خىرىستىيانلار ياشايدىغان قارقۇش يېزىسىغا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ھۇجۇم قىلغان ۋە ئون مىڭلارچە كىشى كۈرت رايونىغا قاراپ قاچقانىدى.
سىنجار تاغلىرىدا پاناھلىنىۋاتقان 200 مىڭ يەزىدىدىن بىر قىسمىنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغانلىقى جاكارلاندى.
ھۇجۇملاردىن بۇرۇن سىنجاردىن ئايرىلغان يېزىدى ئائىلىلەرنىڭ بىر قىسمى تۈركىيە چېگرىسىدىن ئۆتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، پۈتكۈل دۇنيانى قارقۇش ۋە كەركۈككە ھۇجۇم قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىراق ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
پاپا فىرانچىسمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئئرقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرگە تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاندنىڭمۇ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكى ھەمدە پەشمەرگە قىسىملىرىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىن مۇسۇل دامبىسى بىلەن 15 يېىزىنىڭمۇ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر