باش مىنىستىر ئاندرې نىزاپايېكې ئىستىپا بەردى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئاندرې نىزاپايېكې پىرېزىدېنتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

80820
باش مىنىستىر ئاندرې نىزاپايېكې ئىستىپا بەردى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئاندرې نىزاپايېكې ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.
مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ئېتنىك تازىلاش سەۋىيەسىگە بېرىپ يەتكەن ھۇجۇملار سادىر قىلىنغان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى نىزاپايېكې، ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت كېترىن سامبا پانزانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. پانزانىڭ «كىرىزىسنىڭ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان بىر كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن» مۇشۇنداق بىر قارارنى چىقارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر «ئىستىپانىڭ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتمەكتە.
دۆلەتتىكى سىياسىي كىرىزىسقا چارە تېپىش مەقسىتىدە ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى سېلېكا ۋە بالاكاغا قارشى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «قوراللىق تەرەپلەرنىڭ 45 كۈن ئىچىدە قورال تاپشۇرۇشى ۋە دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ توختىتىلىشى» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانىدى.
بالاكالارغا قارشى تۇرغۇچى خىرىستىيانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن قەتلىئاملىرىدا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، بىر مىليون كىشى كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر