«500 يەزىيدى ئۆلتۈرۈلدى، 500 ئايال ئەسىر ئېلىندى»

مۇسۇلنىڭ سىنجار ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 500 يەزىيدىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 500 ئايالنى ئەسىر ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

80896
«500 يەزىيدى ئۆلتۈرۈلدى، 500 ئايال ئەسىر ئېلىندى»

ئىراقتا يەزىدىيلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇسۇلنىڭ سىنجار ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 500 يەزىيدىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 500 ئايالنى ئەسىر ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
كۇردىستان يۇرتسۆيەرلەر بىرلىكىنىڭ يەزىيدى پارلامېنت ئەزاسى فەييان داخىل تۈنۈگۈن ئىراق پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەسىر ئېلىنغان ئاياللارنىڭ تەلافەرگە يېقىن جايلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. يەزىيدىلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچلىق سادىر قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان داخىل، باغدادتىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن كورت ھۆكۈمىتىگە يەزىيدىلەرنى بۇ ناچار ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش توغرۇلۇق چاقىرىق قىلدى.
بۇ جەرياندا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ئەربىلگە 55 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇسۇلنىڭ ماھمۇر ناھىيەسىنىڭ پەشمەرگە (كورد ئەسكەرلەر) لەرنىڭ قولىدىكى گۈۋەر بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئىككى سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. توقۇنۇشلاردا ئىككى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانى ئۆلدى.
پەشمەرگەلەرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئەربىلنىڭ غەربىدە خەندەك كولىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. مۇسۇلنىڭ مەھمۇدىييە يېزىسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتكەن پەشمەرگە بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. توقۇنۇشلاردا پەشمەرگىگە سۇرىيەدىكى خەلق مۇداپىئە قىسىملىرىمۇ ياردەم قىلماقتا.
بۇ جەرياندا ئۆتكەن كۈنلەردە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇسۇل سۇ ئامبىرىنىڭ پەشمەرگىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر