ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىمەسلىككە چاقىرىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكىنى ئىسرائىلىيەنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىمەسلىككە چاقىردى.

80331
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىمەسلىككە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە يېقىلغۇ توشۇش خىزمەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قوراللىق-ياراغلارنى تىزگىنلەش ۋە ئىنسان ھەقلىرى باشلىقى بىرىيان ۋۇد مۇنداق دېگەن: «پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى ۋە ۋەھىمىلىك ھادىسلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلگەن ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا يېقىلغۇ ئەۋەتكەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، قوللىرىنى تېخىمۇ كۆپ قانغا بويىماقچى.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى يېقىلغۇ ۋە قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئورنىغا، بۇ خىزمەتلەرنى دەرھال توختىتىشى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ خەلقئارالىق تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋۇد، «ھەم ئامېرىكا ھەم ئىران تەرەپلەرنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت سادىر قىلماقتا. ھەربىي تېخنولوگىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىنمىغان بولسا، غەززە مەسىلىسىدە ھەر قايسى تەرەپلەر خەلقئارا قانۇنغا بۇنچىلىك ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلمىغان بولاتتى» دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى 100مىڭلارچە توننىلىق يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، 2013 ۋە 2014-يىللىرىدا ئامېرىكىدىن ئىسرائىلىيەگە 9قېتىم يېقىلغۇ توشۇلغانلىقى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يېقىلغۇ توشۇش خىزمىتىنىڭ 14-ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، يولغا چىققان يېقىلغۇ ماشىنىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە 12-ئاۋغۇستتا يېتىپ بارىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر