ئىراقتا  پەشمەرگە كۈچلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

ئىراقتا ئى شى ئى د بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

77834
ئىراقتا  پەشمەرگە كۈچلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق زۇممار ناھىيەسىدە پەشمەرگە كۈچلىرى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلتانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ توقۇنۇشلاردا پەشمەرگە كۈچلىرىنى سۈرە-توقاي قىلىپ، رايوندىكى بەزى يېزىلارنى قولغا كىرگۈزگەنلىكلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇنىڭغا قارىتا، پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىرى تۈنۈگۈن ئەربىلدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ۋەزىيەت ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.
قوماندانلار يىغىندا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى مۇداپىئەدە تۇرۇشتىن ھالقىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلىشتى.
پەشمەرگەلەرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىگە قارشى كەڭ دائىرلىك ھۇجۇم قوزغىشى ئۈچۈن ئەربىل ۋە دۇھوكتىن، زۇممارغا ھەربىي لازىمەتلىكلەر يۆتكەلدى. ئىراق ئارمىيەسىنىڭمۇ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرىگە ھاۋادىن ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر