ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا

74679
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا


ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرى غەززەنىڭ شىمالىدا پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە بىر مەكتەپنى توپقا تۇتتى، نەتىجىدە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشى يارىدار بولدى.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكى، ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە بىر مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 20 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە يەنە ئونلىغان كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدىكى 3 جامىنى بومباردىمان قىلدى.
شاھىتلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ غەربىدىكى شاتى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا جايلاشقان ئەس سەۋۇسى جامىسىنى بومباردىمان قىلغان، نەتىجىدە جامى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە ئەتراپىدىكى ئۆيلەرمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغان 7 – ئىيۇلدىن بۇيان جەمئىي 74 جامى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، بۇلاردىن 20 جامى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر