ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقىلىرىنى تولۇق قوللايدىغان بولدى

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ غەززە مەسىلىسىگە دائىر تىرىشچانلىقىلىرىنى تولۇق قوللايدىغان بولدى.

74690
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقىلىرىنى تولۇق قوللايدىغان بولدى


ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يەن پىساكى، كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ ھاماستىكى تەسىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
يەن پىساكى تۈركىيە ۋە قاتار مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىن ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھاماس بىلەن ئالاقە ئورناتمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن پىساكى، ھاماس بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە قاتارنىڭ ۋاستە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى قايتىدىن تىلغا ئېلىپ، كېچىك بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ تىرادېگىيە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر