سۈرىيەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

ھۇمۇستا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

72813
سۈرىيەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا.
ھۇمۇستا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇمۇسنىڭ ئارمان رايونىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن رايونغا 2 روكېت بومبىسى ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لوندون مەركەزلىك كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ سۈرىيە رەسمىي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سۈرىيە ئامىيەسىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ھەلەپتە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى شېئار رايونىغا «ۋارىل بومبىسى» ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 15 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا نارىسىدە بالىلار بىلەن ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى خەۋەر قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر