مىسىردا ساقچىلار خەلققە راست ئوق ئاتتى
مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مۇداخىلە قىلغان ساقچىلار خەلققە راست ئوق ئاتت
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مۇداخىلە قىلغان ساقچىلار خەلققە راست ئوق ئاتتى.
ۋەقەلەردە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 15 كىشى يارىلاندى.
قاھىرەدە دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەبۇ زەبەل رايونىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
ساقچىلار، روزا ھېيت بولۇشىغا قارىماي نامايىشچىلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.
ساقچىلارنىڭ پىلاستىكىلىق ئوقنىڭ ئورنىغا راست ئوقى ئېتىشى بىلەن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.