ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا مىڭلارچە پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى

70672
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا مىڭلارچە پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
قەدىر كېچىسىنى مەسجىدى ئەقسادا تەبرىكلىمەكچى بولغان پەلەستىنلىكلەر، قەلەندىيە كونترول نۇقتىسىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە دۇچ كەلدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق قىلغان مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 5 ى ئېغىر 200 كىشى يارىلاندى.
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قەلەندىيە ھەربىي كونىترول نۇقتىسىدا توقۇنۇشلار تۈنۈگۈن سائەت 22.30 ئەتراپىدا باشلاندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ نىشانى، راماللاھتىن قۇددۇسقا ئۆتۈش ئىدى. قەدىر كېچىسىنى مەسجىدى ئەقسادا تەبرىكلەش ۋە غەززەگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن نامايىش «48 مىڭ كىشىلىك ئۇزۇنغا يۈرۈش» شوئارى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1948 - يىلقى «چوڭ پالاكەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان نەقبەنى ئۈلگە قىلىپ، 48 مىڭ كىشىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ئۈچۈن ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن سىياسىي پارتىيەلەر كەڭ تەشۋىقات خىزمەت ئىشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پەيشەنبە كۈنى كەچ تەرەپلەردىن ئېتىبارەن راماللاھتا ئون مىڭلارچە پەلەستىنلىك يىغىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇددۇسقا بارىدىغان يوللارنى تاقىۋالدى. راماللاھتىن يولغا چىققان پەلەستىنلىكلەرگە ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قەلەندىيە ھەربىي نۇقتىسىدا مۇداخىلە قىلدى. مۇداخىلە جەريانىدا 2 نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، كەم دېگەندە 020 پەلەستىنلىك يارىلاندى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يارىلانغانلار ئارىسىدا ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارمۇ بار بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 200 گە يېتىدىكەن. بۇ ئارىلىقتا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرمۇ قوزغىلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇل كەرىم، بەيت لەھمەنىڭ شىمالىي ئېغىزى ۋە نابلۇستا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. نابلۇستا 3 پەلەستىنلىك يارىلاندى. رايوندا توقۇنۇشلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
توقۇنۇشلار تۈپەيلى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بارلىق دوختۇرخانىلاردا جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسادا ناماز قىلغان پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن پەلەستىندە 3 - قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋى كۈرەش باشلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، پەيشەنبە كېچىسى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ، 2000 - 2005 - يىللاردىكى «2 - قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋى كۈرەش» دەپ ئاتالغان قوزغىلاڭلارغا سېلىشتۇرغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە تېخىمۇ داغدۇغىلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.
ھاماسمۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى زەپەر ئۈچۈن «ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋى كۈرەش» كە ئاتلىنىشقا چاقىردى.
ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى خەلقىمىزنى غەززەدە ھەقىقىي، ئەمەلىي ۋە ئومۇميۈزلۈك زەپەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دۈشمەن ئىسرائىلىيەگە قارشى ئاممىۋى كۈرەشكە چاقىرىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر