ھاماس غەززەلىكلەرنى «ئاممىۋى كۈرەشكە ئاتلىنىش» قا چاقىردى

ھاماس، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى غەززەلىكلەرنى غەززەدە ئومۇميۈزلۈك زەپەر ئۈچۈن «ئاممىۋى كۈرەشكە ئاتلىنىش» قا چاقىردى

70749
ھاماس غەززەلىكلەرنى «ئاممىۋى كۈرەشكە ئاتلىنىش» قا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى غەززەلىكلەرنى غەززەدە ئومۇميۈزلۈك زەپەر ئۈچۈن «ئاممىۋى كۈرەشكە ئاتلىنىش» قا چاقىردى.
ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى خەلقىمىزنى غەززەدە ھەقىقىي، ئەمەلىي ۋە ئومۇميۈزلۈك زەپەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دۈشمەن ئىسرائىلىيەگە قارشى ئاممىۋى كۈرەشكە چاقىرىمىز» دېدى.
غەززەگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە «48 مىڭ كىشىلىك ئۇزۇنغا يۈرۈش» شوئارى ئاستىدا راماللاھتىن قۇددۇسقا يېتىپ بېرىشنى نىشان قىلغان مىڭلارچە پەلەستىنلىك، قەلەندىيە كونترول نۇقتىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدغان، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە 2 نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ى ئېغىر 200 كىشى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر