ئامېرىكا: ئىسرائىلىيەنى ئاداققىچە قوللايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

69623
ئامېرىكا: ئىسرائىلىيەنى ئاداققىچە قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مارىيا ھارف «خەلقئارادا يالغۇز قالساقمۇ يەنىلا ئىسرائىلىيەنى قوللايمىز» دېدى.
مارىيا ھارف كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قارارى ۋە ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قارارغا قارشى ئاۋاز بېرىشىگە قارىتا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ھارف ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن چاقىرىلغان يىغىنغا قاتتىق قارشى تۇرغانلىقلىرىنى ۋە كېڭەشتە ئېلىنغان قارارنى ئىسرائىلىيەگە دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ ئىپادىسى، سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ھارف يەنە تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قارارىنىڭ بىتەرەپ ھالدا چىقىرىلمىغانلىقى ئۈچۈن قارشى چىققانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ قارارغا قارشى چىققان بىرلا دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ھارف، ياۋروپادىمۇ 17 دۆلەتنىڭ رەت ئاۋازى بەرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى:« ئىلگىرى ئېيتقىنىمىزدەك، خەلقئارادا يالغۇز قالساقمۇ يەنىلا ئىسرائىلىيەنى قوللايمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر