كەبەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە مەسجىدى ھەرەمنىڭ كېڭەيتىلىشى لايىھەسى دائىرىسىدە كەبەنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەبەدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە مەسجىدى ھەرەمنىڭ كېڭەيتىلىشى لايىھەسى دائىرىسىدە كەبەنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ، مەككە پۇقرالار مۇداپىئە ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى باياناتچىسى سالىھ ئەلئۇلياننىڭ مالۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھەرەمنى كېڭەيتىش لايىھەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئەمما ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن دەل ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلگەن.
ئوت كەتكەن جاينىڭ كەبەدە ناماز قىلىنىدىغان بۆلۈمدىن باشقا جاي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، مەككە پۇقرالار مۇداپىئە ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى سالىھ بىن ئابدۇللاھنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلەردە بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان قىزىل ئاي جەمئىيىتى باياناتچىسى ئەلى ئابدۇللاھ ئەلغامىدى، ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان ۋە داۋالىنىۋاتقان 14 كىشىدىن ئەھۋالى ئېغىر بولغان 3 كىشىنىڭ مەككەنىڭ شېشە رايونىدىكى پادىشاھ فەيسەل دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.