ب د ت : غەززەدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش زۆرۈر

ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى غەززەدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

69629
ب د ت : غەززەدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش زۆرۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم ئىشلىرى ئورگىنى باشلىقى مۇئاۋىن باش كاتىپ ۋە جىددىي ئەھۋاللار كوئوردىناتى ۋالېر ئاموس، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاموس ب د ت تەرىپىدىن ئاسىيا قىتئەسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئاپەت رايونلىرىغا كۆپلەپ ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىش مەقسىتىدە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا سۆز قىلغان ئاموس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختىلىپ غەززەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى، غەززەدە ب د ت نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
غەززە خەلقىگە ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋالېر ئاموس مۇنداق دېدى: «غەززەدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلاردۇر. كىيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە نۇرغۇن بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ سەۋەبتىن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر