ئوباما ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىككە چاقىرىقتا بولدى

67034
ئوباما ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىككە چاقىرىقتا بولدى.
ئاق سارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئوباما، نۇتىقىنى غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن باشلىدى.
پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، نۆۋەتتە ئىشلەشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم خىزمەتنىڭ ئۆلۈملەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ مەقسەتتە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرىنىڭ مىسىرغا كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئوباما، قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى جەريانىدا ھاماسنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى؛ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ئوبامانىڭ ئىككىنچى كۈنتەرتىپ ماددىسى بولسا ئۇكرائىنادا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن مالايشىيا ئايروپىلانى ئىدى.
خەلقئارالىق بىر ھەيئەتنىڭ ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئوباما، رۇسپەرەسلەرنىڭ تەكشۈرۈشلەرگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
رايونغا جىددىي ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئوباما، تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جەھەتتىن پۇتىن ۋە رۇسىيەنىڭ بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
موسكۋانى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرغان ئوباما، رۇسىيەنىڭ زېنىت توپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال - ياراغ ۋە ھەربىي مەشق جەھەتتىن بۆلگۈنچىلەرنى قوللاپ ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئوباما، رۇسىيە بۆلگۈنچىلەرگە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ يېتىم قالدۇرىدىغانلىقى ۋە ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر